goolge

2008年7月15日星期二

  GPS سېستمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى.

  GPS سېستمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى.
  GPS - ئاساسلىقى 3بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. يەريۇزى كونتىرول پونكىتى، سۇنئىي ھەمراھ ۋە بىزنىڭ قولىمىزدىكى قوبۇللىغۇچتىن تەركىپ تاپقان.
  ئالدىدا بىز ئۈسكىنىلەرنى دەپ باقايلى. يەردە بىر ئاساسىي پونكىت بار. بۇ پونكىت ئامىركىنىڭ كولورادو دا. 3 دانە يەر يۈزى ئانتىناسى، 5 كۆزىتىش پونكىتى، يەرشارىنىڭ ھەممە يېرىگە ئورۇنلاشقان. ئاساسلىقى سانلىق مەلۇمات يىغىش، يولباشلاش ئۇچۇرلىرىنى ھېسابلاش، سېستىمىغا دىئاگونوز قويۇش، سۇنئىي ھەمرانىڭ مۇرەككەپ ئىشلىرىنى تەڭشەش قاتارلىقلار.
  بوشلۇقتا 27 سۇنئىي ھەمراھ بار. يەر بىلەن بولغان ئارلىقى 20200 كېلومېتىر 27 سۇنئىي ھەمراھنىڭ ئىچىدە 24 ى خىزمەت قىلىدۇ. قالغان ئۈچى بولسا زاپاس سۈنئى ھەمرا بولۇپ لازىم بولغاندا ئىشلىتىدۇ. بۇ سۇنئىي ھەمراھلار 3 ئەۋلاد 5 خىل تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇنئىي ھەمراھ ئىككى خىل سىگىنال تاقىتىدۇ: L1ۋە L2. L1نىڭ چاستۇتىسى 1227.60MHZ. L2 نىڭ چاستۇتىسى1575.42MHZ . سۇنئىي ھەمراھنىڭ سائىتىگە سىزىي ئاتاملۇق سائەت ياكى رۇبىدىي ئاتوملۇق ئىشلىتىلىدۇ. كەلگۈسىدە ھىدىروگىن ئاتوملۇق سائەت ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا، بۇ سائەتلەر بىزنىڭ قولىمىزدىكى كۇۋارتىس سائەتتىنمۇ توغرا ماڭىدۇ.